​8 ياشلىق قىز خەتەرلىك ئەھۋالدا قىلچە ھودۇقماستىن دادىسىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇۋالدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1374 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan


ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 4-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ ھۇل شەھىرىدىكى 8 ياشلىق قىزچاق مىللىي مورفى (Millie Murphy) شۇ جايدىكى ياش پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، سانت جون قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ بىر قېتىملىق پىدائىيلار پائالىيتىگە قاتنىشش جەريانىدا بىر قىسىم جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئۆگىنىۋالغان. بىر يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ دادىسى جامىس مورفى (James Murphy) نىڭ كانىيىغا كەمپۈت تۇرۇپ قېلىپ، تۇنجۇقۇپ قالغىلى تاس قالغان، ئۇ ناھايىتى سالماقلىق بىلەن تېز سۈرئەتتە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى قوللىنىپ، دادىسىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان. كىشىلەر ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ، ئۇنى «كىچىك قەھرىمان» دەپ تەرىپلەشكەن.

جامىسنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئۇ ۋېلىسپىتلىك چېنىقىپ بولۇپ، قورسىقى ناھايىتى ئېچىپ كەتكەچكە ئۆيىگە قايتىپ كېلىپلا كەمپۈت سويۇپ يېگەن، لېكىن كۈتۈلمىگەندە كەمپۈت كانىيىغا تۇرۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ جېنىنى ئالغىلى تاس قالغان. مىللىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۈستۈنكى قەۋەتتىن چۈشۈۋېتىپ، دادىسىنىڭ ناھايىتى بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ھەمدە ئۆزنى تۇتۇۋېلىپ پىدائىيلار ئەترىتىدە ئۆگەنگەن قۇتقۇزۇش ماھارىتىنى ئەسلەپ، ئاندىن كەسكىنلىك بىلەن تەبىر قوللانغان. ئۇ دادىسىنىڭ كەينى ئىككى تارغاق سۆڭىكىنىڭ ئوتتۇرسىغا كۈچەپ بىرقانچىنى ئۇرغاندىن كېيىن، كەمپۈت ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەن، دادىسىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئاستا-ئاستا نورماللاشقان.

ۋەقەدىن كېيىن، جامىس ھەر قېتىم بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاندا، پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ ھەربىر بالىغا ئەستايىدىللىق بىلەن ئەمەلىي ماھارەتلەرنى ئۆگىتىپ قويغانلىقىغا چوڭقۇر رەھمىتنى بىلدۈرگەن ھەم قىزىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىدائىيلار ئەترىتىدە مىللىيغا ماھارەت ئۆگەتكەن ئوقۇتقۇچى نورىن خاكىت (Noreen Hackett) مىللىينىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆگەنگەن ماھارىتى بىلەن ئادەم قۇتۇلدۇرۇشى ناھايىتى پەخىرلىنەرلىك ئىش دېدى. سانت جون قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ مەسئۇلى كولىن خاكىت (Colin Hackett) مۇ بىر 8 ياشلىق قىزچاق ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا جىددىي قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى قوللىنىپ دادىسىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدىمۇ تېخمۇ كۆپ كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرۇۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز دېگەن.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى