RAC1: بارسېلونا بېللېرېن بىلەن بىردەكلىككە كېلىپ بولدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1217 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

نۇر تورى تەرجىمىسى:

كاتالونىيە رادىيوسى «RAC1»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئارسېنال بېكى بېللېرېن بارسېلونا بىلەن بىردەكلىككە كەلگەن بولۇپ، ئۇ مۇشۇ ھەپتىدە مەشقاۋۇل ۋېنگېر بىلەن سۆزلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئارسېنالدىن ئايرىلىش قارارىنى ئۇنىڭغا ئېيتىدىكەن.
«ئا س گېزىتى»نىڭ «RAC1» خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بارسېلونا بىلەن بېللېرېن ئاللىقاچان بىردەكلىككە كېلىپ بولغان، بولۇپمۇ بارسېلونانىڭ تەنتەربىيە باش نازارەتچىسى روبېرت فېرناندېس بېللېرىنغا چۈشەندۈرۈپ، گەرچە سېرگىئو روبېرتو ئىنتايىن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بېللېرېننىڭ يەنىلا كوماندىنىڭ ئوڭ بېك ئورنىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم نىشانى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىدال ھازىر ئېغىر يارىلانغاندىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇخىل تولۇقلاشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ھازىرقى ئەھۋالدا بارسېلونا بىلەن ئارسېنال سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ بولغان، بىراق بېللېرېن يېقىندا يەنە ئىسپانىيە U21 ياشلىقلار كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئوينايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئارسېنال بەلكىم بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن.
بېللېرېن «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇنىڭغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ: «بۇ يىل يازدا نۇرغۇنلىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ، مېنىڭچە ھەرقانداق بىر توپچى بارسېلونانىڭ دىققەت نەزىرىگە ئېلىنغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ» دېگەن.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى