مەكتەپ پۇتبولى كىشىلەرنى خۇشال قىلدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1352 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

مۇخبىرىمىز ئەنۋەر ئەزىز خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا باشلانغان مەكتەپ پۇتبولى ئالىي مەكتەپلەر ئارا مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭدىن قاتناشقان كوماندىلار ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. باشتا شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى كوماندىسى ئالىي تېخنىكوم گۇرۇپپىسىدا شىمالىي جۇڭگو مۇسابىقە رايونىدا 1―بولۇپ سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەنىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپ پۇتبولى گۇرۇپپىسىدا تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى غەربىي شىمال مۇسابىقە رايونىدا 3― ۋە 4―بولدى، تۈنۈگۈن دەرىجىدىن تاشقىرى گۇرۇپپىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنى يېڭىپ، مەملىكەت بويىچە تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى. 

تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئاياغلاشقان 2016/2017―يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى 1―0 نەتىجە بىلەن جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنى يەڭدى. دەرىجىدىن تاشقىرى گۇرۇپپا مەكتەپ پۇتبولى مۇسابىقىسى بولسا ئەڭ كۈچلۈك كوماندىلار يىغىلغان، دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى مۇسابىقە، بۇ مۇسابىقىدە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسى غەلىبە قىلىپ، مەملىكەت بويىچە تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىليار چەكلەنگەن رايون ئەتراپىدا بېرىلگەن ئىختىيارىي توپنى يۇقىرى سەۋىيە بىلەن قاپقىغا بىۋاستە تېپىپ كىرگۈزۈپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنى ئالدىغا ئۆتكۈزدى؛ كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ دەسلىپىدە ئۇلار غەلىبە مېۋىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سەل بېكىنىپ ئوينىغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنچە قارشى تەرەپنىڭ قاپقىسى ئالدىدا ئارقا-ئارقىدىن نومۇر ئېلىش پۇرسىتى ياراتتى، بىراق مۇسابىقە ئاياغلىشىش پۇشتىكى چېلىنغۇچە ھەر ئىككى تەرەپ توپ كىرگۈزەلمىگەچكە، مۇسابىقە 0:1 نەتىجە بىلەن ئاياغلىشىپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنىڭ تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەنلىكى مۇقىملاشتى. ئىگىلىنىشىچە، بارلىق مۇسابىقىلەر 10-ئىيۇن ئاخىرلىشىدىكەن. 

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئابدۇكېرەم مۇنداق دېدى: «دەرىجىدىن تاشقىرى گۇرۇپپىغا جەنۇبىي ۋە شىمالىي مۇسابىقە رايونىدىن تاللانغان 40 كوماندا كىرگەن. بىز ئالدىنقى ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي جۇڭگو مۇسابىقە رايوندا 5-بولۇپ ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى 16 كۈچلۈك كوماندىنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتۇق، 3-ئىيۇن باشلانغان ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، گۇرۇپپىدا 2-بولۇپ سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردۇق، مانا ئەمدى تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇق. مۇسابىقىدە بالىلارنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، بىز تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىمىز».



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى