چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلىرىنىڭ قايتىپ كېلىشى شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1325 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

سىنا تورى 6-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت شەھەرلىرىدىن شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادى جانلىنىۋاتىدۇ. شياڭگاڭنىڭ بۇ يىل 1-پەسىلدىكى ئەمەلىي رايون ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.3 ئېشىپ، 6 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. ئاۋمېننىڭ ئاساسلىق كەسپى بولغان قىمارچىلىقمۇ ئەسلىگە كېلىپ، كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئۈچ يىللىق چوڭ رىكورتىنى ياراتتى. چوڭ قۇرۇقلۇق بايلار قاتلىمىدا شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا قايتىپ كېلىش ئەھۋالى پەيدا بولدى.
شياڭگاڭنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش كارخانىسى شاشا خەلقئارا پاي كونترول شىركىتى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا: «چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشتى» دەپ جاكارلىدى. ئۇلارنىڭ شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندىكى 116 دۇكىنىنىڭ 1-پەسىلدىكى سېتىش سوممىسى ئېشىشقا يۈزلەندى. جۇدافۇ ئۈنچە-مەرۋايىت گۇرۇھىنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىككى جايدا ھازىر بار بولغان دۇكانلىرىنىڭ سېتىش سوممىسىمۇ ئارىدىن 13 پەسىل ئۆتكەندە ئېشىشقا يۈزلەندى. ئاۋمېندىكى ھەرقايسى قىمارچىلىق شىركەتلىرىنىڭ 1-3 ئايغىچە بولغان مالىيە دوكلاتىدىمۇ ئارقا-ئارقىدىن كىرىمنىڭ ئاشقانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلدى. سامانيولى كۆڭۈل ئېچىش گۇرۇھىنىڭ رەئىسى لۈ جىخې ئۆتكەن ئىككى يىلدا قىمارچىلىق كەسپىنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ يىل ئىزچىل مۇقىم بولدى دەپ بىلدۈردى.
شىياڭگاڭنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 3-ئايدا شياڭگاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلەرنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئېشىپ، 4 مىليون 580 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، بۇ ئاساسلىقى ساياھەتچىلەر ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسىمىنى ئىگىلەيدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلىرىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.4 ئېشىشىدىن نەپ ئالغان. ساياھەتچىلەرنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شياڭگاڭنىڭ 3-ئايدىكى پارچە سېتىش سوممىسى ئارىدىن تەخمىنەن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئېشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئاۋمېنغا كەلسەك، قىمارخانىلارنىڭ خېرىدار مىقدارىمۇ كۆرۈنەرلىك ئەسلىگە كەلدى. ئاساسلىقى چوڭ قۇرۇقلۇق بايلار قاتلىمىنى خېرىدار ئوبيېكتى قىلغان «مەخسۇس VIP لار ئارامگاھى» (VIP专用百家乐)نىڭ كىرىمى 1-3 ئايغىچە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.8 ئاشتى، بازار ئەھۋالىدا 2015 ـ يىلىدىكى سىجىل %40 ئەتراپىدا ئازىيىش كۆرۈلگەن ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا چوڭ ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى.
لىئون ئاكسىيەسىنىڭ (CLSA) جۇڭگو شياڭگاڭ ئىستراتېگىيە تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ ياۋچاڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى بار «يېڭى بىر ئەۋلاد»لارنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە توردا مال سېتىۋېلىشنىڭ يامرىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىستېمال قۇرۇلمىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ دېدى. جاڭ ياۋچاڭ يەنە تېجەشلىك دولقۇنى ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان «ئەسلىدە (ناھايىتى كۈچلۈك) بولغان ئېشىش يۈزلىنىشىنى قايتا قوزغىلىىش ھالىتىگە كىردى دەپ قاراشقا بولىدۇ» دېدى.
ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېنمۇ بايلار ۋە ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىستېمال قىلىدىغان توپقىلا يۈزلەنسە بولمايدۇ. ھەر قايسى قىمارچىلىق كارخانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئائىلىلەرگە يۈزلەنگەن كەسىپلەر ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، بۇ بەلكىم شەخسىي ئىستېمالنى جەلپ قىلىشنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى