بىرمىدا چاشقان ئاپىتى ئەۋج ئېلىپ، خەلق پۈتۈن كۈچى بىلەن چاشقان تۇتۇشقا ئاتلاندى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 954 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

جۇڭگو خەۋەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىرمىدا يېقىندىن بۇيان چاشقانلار كۆپىيىپ ئاپەتكە ئايلاندى، يەرلىك ئاھالىلەر بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىشقىلىپ ئۆيىدە بارلا نەرسە بولسا ھەممىنى چاشقان تۇتۇشقا ئىشلەتتى، ھەر خىل قاپقانلارنى قۇردى. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرغىچە جەمئىي 4000 دىن ئارتۇق چاشقان يوقىتىلغان.

يەرلىك ھۆكۈمەت پۇقرالارنى چاشقان يوقۇتۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن مۇكاپات تەسسىس قىلغان بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، ھەر بىر چاشقان ئۈچۈن 3 مو مۇكاپات بېرىلىدىكەن.

يەرلىك پۇقرالار چاشقانلارنىڭ ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەل تارقىتىشىدىنلا ئەمەس بەلكى يەنە چاشقانلارنىڭ تۇيۇقسىزلا بۇنچە كۆپىيىپ كېتىشى بىرەر كېلىشمەسلىك ياكى ئاپەتنىڭ بخشارىتىمۇ نېمە، دەپ ئەندىشىگە چۈشۈپ قېلىشتى. يەنە بەزى كىشىلەر بۇ يەر تەۋرەش ياكى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن، دېيىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، تۇتۇلغان چاشقانلار مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈشى ئۈچۈن ئەۋەتىپ بېرىلگەن بولۇپ، ھازىرچە تېخى بىرەر يۇقۇملۇق ۋىرۇس بايقالمىغان. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاشقانلارنىڭ كۆپىيىپ ئاپەتكە ئايلىنىشىغا يېقىندا ئىلوۋا دەرياسى (Ilova) بويىدىكى يامغۇرلۇق كېلخمات سەۋەب بولغان. ئىگىلىنىشىچە، بخرمىدا 1950-يىلى بىر قېتىم چاشقان ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، 15 مىڭ دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ئىكەن.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى