شۋېيتسارىيەدىكى تاغ مەنزىرىسى بىلەن گىرەلەشكەن مېھمانساراي تۇنجى مېھماننى كۈتۈۋالدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1243 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالدىراشچىلىققا تولغان تۇرمۇش ھەمىشە كۆپىنچە كىشىلەرنى كەڭ تەبىئەت دۇنياسىغا قايتىشنى ئىستەيدىغان گۈزەل ھېس-تۇيغۇلارغا باشلايدۇ. شىۋېيتسارىيەنىڭ جونتېن ئەتراپىدىكى ئالپىس تېغىدا بىر دالا سىرتى مېھمانسارىيى بولۇپ، ساياھەتچىلەر ھەيۋەتلىك گۈزەل تاغ مەنزىسىدىن ھوزۇرلىنىپلا قالماستىن، يەنە تېخى يۇلتۇزلار جىمىرىلاپ تۇرىدىغان كەڭ زېمىن قويىنىدا ئۇخلاشنى ئۆز ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈلەيدۇ.

1-ئىيۇن «چەكسىز يۇلتۇز» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مېھمانساراي تۇنجى مېھماننى كۈتۈۋالدى. مېھمانسارايدا پەقەت بىرلا قوش كىشىلىك كارىۋات ۋە كارىۋات ئۈستىدىكى ئىشكاب بولۇپ، ئاددىي چىراغلا ئورنىتىلغان. نە ئىشىك، نە تام، نە توروس ھەتتا تازىلىق ئۆيىمۇ يوق مۇشۇنداق «يۈرۈشلۈك ئۆي»نىڭ بىر كۈنلۈك ھەققى 306 دوللار (تەخمىنەن 2100 يۈەنگە باراۋەر) بولۇپ، يەنە تېخى غوجىدارنىڭ سىز ئۈچۈن تەمىنلىگەن قىزىل ھاراق ۋە ئەتىگەنلىك ناشتىلىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىلىنەلەيسىز.

قارىماققا شۇ جايدىكى دېھقان غوجىدارغا ئوخشايدىغان بۇ كىشى رېزىنكە خۇرۇم ئۆتۈك كىيىگىنىچە، مېھمانلارنى يۈرۈشلۈك ئۆيگە باشلاپ كىردى ھەمدە ھاۋارايى ئۇچۇرىنى يەتكۈزدى.

مېھمانساراينىڭ ئەتراپىدا 3 مىنۇت پىيادە ماڭسىڭىز بىر كىچىك ئۆي بولۇپ، بۇ ئۆي ناچار ھاۋارايىغا يولۇققاندا، دالدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن ساقلانغان زاپاس ھۇجرىدۇر. بۇلتۇر بۇ دالا سىرتى «يۈرۈشلۈك ئۆيى» ئېچىۋېتىلگەن 60 كۈندە، 37 ئاخشام يامغۇر ياغقان.

«يۈرۈشلۈك ئۆي» دېڭىز يۈزىدىن 1200 مېتىرلىق ئالپىس تېغىغا جايلاشقان.

بۇ ھەقىقىي تۈردە «ئاسمان يېپىنچا، يەر سېلىنچا» دېگەن سۆزنى دەلىلەپ بەرگەن مېھمانسارايغا ئوخشايتتى.

مېھمانساراي ئىجادىيەتچىسىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئىزچىل سەنئەتنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا بىرلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىزمىتى تۈرلۈك ھەمتۈرتكىلەرنى پەيدا قىلغان. بۇ يىلقى دالا سىرتى «يۈرۈشلۈك ئۆيى» ئاساسەن دېگۈدەك زاكاز قىلىنىپ بولغان بولۇپ، 1300دىن ئارتۇق خېرىدار زاكاز قىلغان. بىر قىسىم ساياھەتچىلەر ھەتتا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن. قارىغاندا، ئالاھىدە «مېھمانساراي»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرىدىغان ئوخشايمىز.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى