ھىندىستانلىق قىزلار نېمىشقا جۇڭگولۇق ئەرلەرگە ياتلىق بولۇشقا ئامراق؟

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 4065 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىزچىل دوستانە بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگودا نۇرغۇنلىغان ھىندىستانلىقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھىندىستانلىق كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، جۇڭگو ئامانلىقى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن. شۇڭا جۇڭگو ئۇلارنىڭ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ قالغان. 

نۇرغۇنلىغان ھىندىستان قىزلىرى جۇڭگونى ياخشى كۆرگەچكە، جۇڭگولۇقلارغا ياتلىق بولۇپ، جۇڭگودىكى ياخشى بىر كېلىن بولماقچى بولغان.  

ھىندىستاندا ئاياللارنىڭ ئورنى ئىنتايىن تۆۋەن ھەمدە توي قىلغاندا قىز مېلىنى قىز تەرەپ چىقارغاندا ئەر تەرەپ ئاندىن قىزنى ئەمرىگە ئېلىشنى خالايدۇ. ئەمما جۇڭگودا ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى ئاللىقاچان ئورتاق تونۇشقا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە تويلۇقنى ئەرلەر ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان ئەمەلىيەت. شۇڭا ھىندىستان قىزلىرى خۇشاللىق بىلەن جۇڭگو ئەرلىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدىكەن. 

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ قارىشىچە، جۇڭگودا ياخشى ئەرلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، خوتۇنىغا كۆيۈنۈشنى بىلىدىكەن. تاماق ئېتىش، ئائىلە ئىشلىرىغا قارىشىش قاتارلىقلارنىمۇ قىلىدىكەن. ئائىلە زوراۋانلىقى پەقەت ئاز ساندىكى ئەرلەردە بولىدىكەن. شۇڭا ئۇلار جۇڭگولۇق ئەرلەرگە ياتلىق بولۇشنى بەكمۇ خالايدىكەن. 

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو ئەرلىرى بىلەن توي قىلغاندا ناھايىتى چىرايلىق بولغان جۇڭگوچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇلار جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى مەدەنىيىتىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ يەردىكى تۇرمۇش ئادىتى ھىندىستاندىن نەچچە ھەسسە ياخشى ئىكەن. 

رەسىمدىكى بۇ جۈپ ئەر-خوتۇن جۇڭگو-ھىندىستان ئارىلاش قانلىق بوۋىقىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى قارىماققا ئىنتايىن بەختلىك كۆرۈنەتتى. 



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى