8 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق بېلەت كىرىمى ياراتقان ئەڭ قالتىس رېژىسسور

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 4054 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

سىپىربورگنى «تالانت ئىگىسى» دېسەك ئازراقمۇ ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ نامى «ئاق لەھەڭ»، «يۇرا باغچىسى» قاتارلىق داڭلىق سودا تاماشا فىلىملىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىنو ھەۋەسكارلىرىغا تونۇلغان، كىشىلەر بۇ خىل تەسىراتقا تەلپۈنۈپ كىنوخانىغا بېرىپ رەڭسىز كىنو «شىندېلىرنىڭ تىزىملىكى» نى كۆرگەندە، سىپىربورگنىڭ يەنە بىر ئەقىل-پاراسەت ۋە بەدىئىيلىككە تولغان دۇنياسىنى بايقىغان.

 

1994-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، 66-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش كېچىلىكىدە، «يۇرا باغچىسى» ۋە «شىندېلىرنىڭ تىزىملىكى» جەمئىي 9 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ ئىككى نادىر ئەسەرنىڭ ئورتاق رېژىسسورى سىپىربورگ مۇكاپات سەھنىسىگە چىققاندا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇشتى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى، سىپىربوگقا تەۋە بۇ كېچىدە، ئەزەلدىن ئېغىر-بېسىق سىپىربورگ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلىۋەتتى.

 

تۇغۇلۇشىدىنلا خام خىيال قىلىشقا ئامراق سىپىربوگ لەھەڭ، ئالەم بوشلۇقى ئادىمى ۋە يىلان تۈرىدىكى تېمىلارنى سۈرەتكە ئېلىشنى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە بىر چوڭ سۈرەتكە ئېلىش كوللېكتىپى ۋە بىر ئۆز بېشىمچى ماشىنا لەھەڭگە قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۇنجى گىگانت ئەسىرى «ئاق لەھەڭ» نى سۈرەتكە ئالدى، بۇ فىلىمدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆرۈنۈشلەر ھوللىۋود ئۈچۈن 410 مىليون دوللار مىسلىسىز بېلەت كىرىمى ئېلىپ كېلىپ پۈتۈن كىنو ساھەسىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى. ئارقىدىنلا سىپىربورگ خاراكتېرىگە بىرلەشتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ خام-خىيال ۋە غىدىقلاشقا تەلپۈنۈشتەك پىسخىكىسىنى چىڭ تۇتۇپ، 1977-يىلىدىن باشلاپ، كەينى-كەينىدىن «3-خىلدىكى ئۇچرىشىش»، «كەلگۈسىگە قايتىش» قاتارلىق ئەسەرلەرگە رېژىسسورلۇق قىلدى.

 

كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، ئۇ يەنە «يۇرا باغچىسى» نىڭ ئۇسلۇبى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان، رېئاللىق ۋە ئادىمىيەت تەسۋىرلىنىدىغان رەڭسىز فىلىم «شىندېلىرنىڭ تىزىملىكى» نى ئىشلىدى، تومۇرىدا يەھۇدىيلارنىڭ قېنى ئېقىۋاتقان سىپىربورگ داستانلارچە كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق، 50 يىل ئىلگىرىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە ناتسىستلىرىنىڭ 6 مىليون يەھۇدىينى قىرغىن قىلغانلىقىدەك تىراگېدىيەنى ئېكرانغا ئېلىپ چىقتى. فىلىم يۇقىرى بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە «يۇرا باغچىسى» بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ئوسكار ئارزۇسىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇردى.

 

ئۇنىڭ تۇنجى كىنوسى ئارىزونا ئىشتاتىدىكى بىر مېھمانخانىدا سۈرەتكە ئېلىنغان. 1958-يىلى ئۇ ئىزچىلار پارتىيەسىگە قاتناشقان، «ئەڭ ئاخىرقى ئېتىشىش» ناملىق 9 مىنۇت 8 دەقىقىلىق قىسقا فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىپ مۇكاپاتلانغان. 13 يېشىدا سىپىربورگ بىر 40 مىنۇتلۇق ئۇرۇش فىلىمى «ھېچ يەرگە ئۆزىنى سىغدۇرالماسلىق» نى سۈرەتكە ئېلىپ يەنە بىر قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، «قىزىقىشنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش» دېگەن گەپ قارىغاندا توغرا ئېيتىلىپتىكەن.

 

سىپىربورگنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى: «ئاق لەھەڭ»، «تاشقى پىلانېت ئادىمى ET»، «يۇرا باغچىسى»، «شىندېلىرنىڭ تىزىملىكى»، «يوقالغان دۇنيا»، «ئەسكەر رايننى قۇتقۇزۇش».

ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى : 1998-يىلى «ئەسكەر رايىننى قۇتقۇزۇش» ئوسكار ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ 1995-يىلى ئامېرىكا كىنو ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ 1993-يىلى «يۇرا باغچىسى» ئوسكار ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ 1986-يىلى ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى