«يېڭى موميا» فىلىمىدىكى موميا مەلىكە قانداق تاۋلاندى؟

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 4367 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

ھوللىۋود فانتازىيەلىك فىلىمى «يېڭى موميا» بۈگۈن «سېھرىي كۈچ ۋە رەزىللىك» نى باش تېما قىلغان پەردە ئارقىسى قىسقا فىلىمنى ئېلان قىلدى. فىلىمنىڭ پەرداز قىلىش شەكىل چىقىرىش ئۇستىسى ئېلىزابېت ئۆز ئاغزى بىلەن كىنودىكى مەلىكە ئاماننىتنىڭ سېھرىي كۈچ ۋە رەزىللىككە تولغان پەرداز لايىھەسىنى بايان قىلدى.

 

كىنودىكى موميا مەلىكە ئاماننىتنىڭ رولىنى فىرانسىيە ئايال چولپىنى سوفىيە بوتېللا ئالغان بولۇپ، قەدىمكى مىسىر دەۋرىدىكى مەلىكىدىن فىرئەۋنگە ئايلانغۇچە، يەنە مىڭ يىللاردىن كېيىن قايتا ئويغانغۇچە، مەلىكە ئاماننىت فىلىمدىكى ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلاردا ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. شەكىل چىقىرىش ئۇستىسى ئېلزابېت ئۇنىڭ قېشىنى ئۇزارتقان، كۆز ئەتراپىدىكى قارا رەڭنى چوڭقۇرلاشتۇرغان، ئۇنىڭ تىرنىقىنى سېرىق رەڭدە بويىغان، ئاندىن چىرايلىق قەدىمىي تۈستىكى كۆك رەڭلىك بوياق ماتېرىيالىغا چىلاپ مودا تۈسىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئاماننىتنىڭ قەدىمكى مىسىر مەلىكىسى سالاھىيىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، شەكىل چىقىرىش ئۇستىسى يەنە بەزى كىچىك ئىنچىكە ھالقىلارنى لايىھەلەپ، ئۇنىڭ چىشى ۋە بۇرنىغا كىچىك ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى تاقىغان.

 

قەدىمكى مىسىر دەۋرىدىكى مەلىكە ئوبرازى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مىڭ يىللاردىن كېيىن مومياغا ئۆزگەرگەن ئاماننىت باشقىچىلا قورقۇنچلۇق بولۇپ، گۈزەللىكىدىن باشقا رەزىللىكمۇ كۆپىيىپ قالغان ئىدى. بۇ خىل ئۇسلۇب ئۈچۈن، شەكىل چىقىرىش ئۇستىسى ئېلىزابېت موميا مەلىكىنىڭ يۈز قىسمى بىلەن تېنىگە قاپارتما نەقىشلەردەك بەلگىلەرنى سىزغان، بۇ بەلگىلەر قەدىمكى مىسىردىكى دىنىي تۈس ئالغان شېئىرلار توپلىمى «ئەرۋاھنامە» دىن كەلگەن بولۇپ، موميا مەلىكىنىڭ زۇلمەتلىك رەزىل كۈچلەرگە ئېرىشكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. بۇ بەلگىلەر پۈتۈن بەدەنگە تولۇق سىزىلغاچقا، پۈتۈن جەريانغا ئۈچ سائەتتىن بەش سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدىكەن. ئۆزىنىڭ بۇ نادىر ئەسىرىگە ئېلىزابېتمۇ ئوخشاشلا تەقەززا بولماقتا، ئۇ چوڭ ئېكراندا ئۆز ئەسىرىنى كۆرگەندە چوقۇم ناھايىتى ھاياجانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

«يېڭى موميا» فىلىمىگە ئالېكىس كوسمان رېژىسسورلۇق قىلغان، ھوللىۋود چولپىنى تام كىرۇس، فىرانسىيەلىك ئايال چولپان سوفىيە بوتېللا، ئوسكار كىنو شاھى رۇسسېل كىروۋ، ئاننابېللا ۋالىس، جېك جونسون قاتارلىقلار فىلىمدە باش رول ئالغان. فىلىم 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى مەملىكىتىمىزدە قويۇلىدىكەن



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى